Chinese→Uyghur主要词典
东乡茂德
دۇنيا تارىخى
توگو شىگېتوكۇ
(1882 - 1950) ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. 1908 - يىلى توكيودىكى ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزۇن مۇددەت تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ياۋرۇپا - ئامېرىكا، ياۋرۇپا - ئاسىيا ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1937 - يىلى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1938 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1941 - يىلى 10 - ئايداتۇجۇ ئىچكى كابىنىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قوشۇمچە بوز يەر ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىر بولۇپ، ياپونىيە - ئامېرىكا سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1942 - يىلى 9 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1945- يىلى 4 - ئايدا سۇزۇكى ئىچكى كابىنتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، قوشۇمچە بۈيۈك شەرقى ئاسىيا ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابىدا قولغا ئېلىنغان. 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1950 - يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ <دەۋرنىڭ بىر تەرىپى>، <توگو شىگېتوكۇ دىپلوماتىيە خاتىرىلىرى>ناملىق ئەسەرلىرى بار.