Chinese→Uyghur主要词典
动物极与植物极
بىئولوگىيە
ھايۋان قۇتۇپى ۋە ئۆسۈملۈك قۇتۇپى
ھايۋانلار تۇخۇمىنىڭ كۆپچىلىكى يۇمىلاق شار شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلارنىڭ تارقىلىشى ۋە ئاكتىپچانلىقىغا ئاساسەن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىر تەرىپىنىڭ پروتوپلازمىسى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن، تۇخۇم بۆلۈنۈش سۈرئىتىمۇ تېزرەك بولۇپ، <ھايۋان قۇتۇپ> دېيىلىدۇ. قارىمۇ قارشى تەرىپى تەركىبىدە تۇخۇم سېرىقى كۆپرەك، بۆلۈنۈشى ئاستىراق، ئاكتىپچانلىقى ئاجىزراق بولۇپ، <ئۆسۈملۈك قۇتۇپ> دېيىلىدۇ. بۇنداق قۇتۇپچانلىق تۇخۇمنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بەلگىلىك ماسلىشىشچانلىق ئەھمىيىتىگە ئىگە. مەسىلەن، ئۇرۇقلىنىپ تەرەققىي قىلىش ئالدىدا تۇرغان پاقا تۇخۇمىنىڭ ھايۋان قۇتۇپىدا قارا پىگمېنتلار كۆپ، تۇخۇم سېرىقى ئاز، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى يېنىك، دائىم ئۈستى تەرەپتە بولۇپ، قۇياش نۇرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلالايدۇ؛ ئۆسۈملۈك قۇتۇپىدا بولسا، تۇخۇم سېرىقى كۆپ، قارا پىگمېنتلار ئاز، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ئېغىر، دائىم ئاستى تەرەپتە بولۇپ، ھايۋان قۇتۇپىدىن ئېنىق پەرقلىنىدۇ.