Chinese→Uyghur主要词典
动物分类学
بىئولوگىيە
ھايۋانلار تاكسونومىيىسى
ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر - بىرىگە ئوخشاشلىق دەرىجىسىنى تەتقىق قىلىدىغان، تەدرىجىي تەرەققىيات مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئۇلارنى تىپ تۈرلەرگە ئايرىپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى، تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى شەرھلەيدىغان پەن. ئۇ ھايۋانلار مورفولوگىيىسى ھايۋانلار سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسى، ھايۋانلار ئېمبرىئولوگىيىسى، ھايۋانلار ئېكولوگىيىسى، گېنېتىكا ۋە بىئوخىمىيە قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇشۇ پەنلەرنىڭ پرىنسىپ ۋە تەجرىبە تېخنىكىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ھەمدە ھايۋانلار دۇنياسىنىڭ تەبىئىي سىستېمىسى قاتارلىقلارنى شەرھلەيدۇ. ھايۋانلار تاكسونومىيىسى تەتقىقات ئوبيېكىتقا ئاساسەن، يەنە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار تاكسونومىيىسى، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تاكسونومىيىسى، ھاشاراتلار تاكسونومىيىسى ۋە بېلىقلار تاكسونومىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
مائارىپ
dòng wù fēn lèi xué
ھايۋانات تاكانومىيىسىDئۇنىۋېرسال
dòng wù fēn lèi xué
زوئوتاكسونومىيە، ھايۋانات تاكسونومىيىسى