Chinese→Uyghur主要词典
动物地理学区划
بىئولوگىيە
زوئو جۇغراپىيىلىك رايونغا ئايرىش
پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۈزىنى ھايۋانات رايون سىستېمىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىرقانچە زوئو جۇغراپىيىلىك رايونلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. قوللىنىلىۋاتقان ئايرىش بىرلىكلىرى دائىرىدە رايون، كەنجى رايون، ئۆلكە، پېرىفېرىيە، ئۇچاستىكا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چوڭ قۇرۇقلۇق ھايۋانات رايون سىستېمىسى ئادەتتە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق تۈركۈملىرىگە ئاساسەن ئاۋسترالىيە رايونى، يېڭى تروپىك بەلباغ رايونى، ئېفىئوپىيە (ھەبەشىستان) رايونى، شەرقىي ئوكيان رايونى (ياكى ھىندىستان - مالايشىيا رايونى دېيىلىدۇ). يېڭى شىمال رايونى ۋە قەدىمكى شىمال رايونى قاتارلىق ئالتە رايونغا بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق باسقۇچلىرىغا ئاساسەن يۇقىرىد ئېيتىلغان ئالتە رايوننى بىرلەشتۈرۈپ جەنۇبىي قۇرۇقلۇق دائىرىسى (بىرىنچى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى قۇرۇقلۇق دائىرىسى (ئىككىنچى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە شىمالىي قۇرۇقلۇق دئىرىسى (قالغان تۆت رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ئۈچ چوڭ دائىرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرى رايون سىستېمىسى ئادەتتە دېڭىز ياقىسى رايونى، يىراق دېڭىز رايونى ۋە چوڭقۇر دېڭىز رايونىغا بۆلۈنىدۇ. دېڭىز ياقىسى رايونى ۋە ھىندىستان - پولىنېزىيە رايونى، تروپىك ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، شىمالىي قۇتۇپ رايونى، شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ رايونى، جەنۇبىي مۆتىدىل بەلباغ رايونى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ (ئانتاركتىكا) رايونىغا بۆلۈنىدۇ؛ يىراق دېڭىز رايونى يەنە شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ رايونىغا بۆلۈنىدۇ؛ چوڭقۇر دېڭىز رايونى يەنە ھىندى - تىنچ ئوكيان رايونى، ئاتلانتىك ئوكيان رايونى ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا بۆلۈنىدۇ.