Chinese→Uyghur主要词典
东普鲁战役
دۇنيا تارىخى
شەرقىي پرۇسسىيە ئۇرۇشى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى روسىيە - نېمىس ئارمىيىلىرىنىڭ شەرقى لىنىيىدىكى بىرىنچى قېتىملىق زور كۆلەملىك ئۇرۇشى (1914 - يىلى 8 - ئايىنىڭ 17 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە)، غەربىي لىنىيىدىكى جىددىيچىلىك ۋە فرانسىيەنىڭ ھەدەپ دەۋەت قىلىشى ئارقىسىدا، روسىيە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىشنى تۈگەتمەستىنلا ئالدىراپ - تېنەپ زوركۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان، ئۇنىڭ مەقسىتى شەرقىي پرۇسسىيەنى ئىشغال قىلىش ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشتىن ئىبارەت. نېمىس ئارمىيسى روسىيە ئارمىيىسى قىسمەن غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ چوڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. روسىيە ئارمىيسىنڭ قوماندانلىق قىلىشى نامۇاپىق بولۇپ، ماسلىشىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ۋە 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۆز دۆلىتىگە چىكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي لىنىيە ئۇرۇشى تەدرىجىي روسىيە تېررىتورىيىسى ئىچىگە يۆتكەلگەن.