Chinese→Uyghur主要词典
东进政策
دۇنيا تارىخى
شەرققە يۈرۈش سىياسىتى
گېرمانىيە فېئوداللىرى ھەمدە كېيىنكى يۇنكىر بۇرژۇئا بىلەن جاھانگىرلارنىڭ شەرقىي ياۋرۇپاغاقاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى كېڭەيتىش سىياسىتى. Ⅹ ئەسىردىن ⅢⅩ ئەسىرگىچە، گېرمانىيە فېئوداللىرى ئېلبا دەرياسى، ۋىسلا دەرياسى، نېمان دەرياسى، غەربىي دۋىنا دەرياسى قاتارلىق رايونلىرىدا چېگرىلىرىنى كېڭەيتىپ، <شەرققە يۈرۈش> شۇئارى ئاستىدا، سلاۋىيان ۋە بالتىق دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمىچىلىكىنى ئېلىپ بارغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1170 - يىلى ئوبودرىتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان؛ 1180 - يىلى بوموريانلارنى مەغلۇپ قىلىپ پومېرانىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان؛ ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ليۇتىچلارنى بويسۇندۇرۇپ، براندېنبۇرگ بەگلىكىنى قۇرغان. 1410 - يىلى 7 - ئايدا تېئوتون رىتسارلار پولكى گرۇنۋارد ئۇرۇشى (تاننېنبېرگ ئۇرۇشىمۇ دېيىلىدۇ)دا رۇسلار، پولەكلەر ۋە لېتۋالىقلارنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچراپ، شەرققە يۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ⅦⅩ ئەسىردىن باشلاپ براندېنبۇرگ پرۇسسىيىدىكى بەگلىكلەر داۋاملىق شەرقىي ياۋرۇپاغا قاراپ ئۆز زېمىنلىرىنى كېڭەيتكەن. كېيىن بۇ سىياسەت يەنە گېرمانىييە يۇنكىر بۇرژۇئازىيىسى، جاھانگىرلار ۋە فاشىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپا خەلقلىرىنى بويسۇندۇرۇش ۋە قۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىكى مۇھىم سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.