Chinese→Uyghur主要词典
东方寺
دۇنيا تارىخى
شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا
ياپونىيە بۇددا دىنى بۇددا ۋاتام ساكاماخاۋايپوليا مەزھىپىنىڭ باش ئىبادەتخانىسى، دۆلەتنىڭباش تارماق ئىبادەتخانسى. ئەۋلىيا سۇۋارناپراباسوتتاماكوتنىڭ دۆلەتنى قوغداش ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادى 743 - يىلى تېننو شۇمۇ لوسانا چوڭ بۇتنى ياسىتىش ئارزۇسى بىلەن، 747 - يىلى خېيئان ئوردىسىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايوندا شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىنى ياساتقان ھەمدە چوڭ بۇتنى قويدۇرۇشقا باشلىغان. 749 - يىلى پۈتتۈرۈپ، 4000 ئۆيلۈكنى 100 قۇل دېدەكنى ھەدىيە قىلغان، چوڭ بۇتخانا 751 - يىلىدا پۈتتۈرۈلگەن. 754 - يىلى جۇڭگولۇق جيەن جيەن ياپونىيىگەبارغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە پەرھىز پەشتىقىياساتقان. 756 - يىلى تېننو شومۇ ئۆلگەندىن كېيىن، نۇرانى شاھسانىيە ئۇنىڭدىن مىراس قالغان نەرسىلەرنى شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىغا ھەدىيە قىلغان، ھازىر ئامبار قورۇسىدا ساقلانماقتا. نارا مەزگىلىدە، كۆپ ساندىكى ئائىلىلىكلەرنى ھەدىيە قىلغان بولۇپ، قۇرۇق تېرىلغۇ يەرلەر 1500 تاغارغا يەتكەن. خېيئان دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەدىيە قىلىنغان ئائىلىلىكلەر ئازلاپ كېتىپ، ئاساسلىق كىرىم قورۇقلارغا قاراپ قالغان.خوگېن، پىڭ چىژ توپىلاڭلىرىدىن كېيىن، تائىرا جەمەتىگە قارشى تەرەپكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، 1180 - يىلى خانىقا، مۇنار قاتارلىقلار پىڭ چوڭخېڭ تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنغان. كاماكۇرا مەزگىلىدە مىناموتويورى تومو قايتىدىن ياساتقان، جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دېڭىزدىن شەرققە ئۆتكەن قۇيمىچىلىق ئۇستىسى چېڭ خېچىنمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان، مۇرۇماچى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە چوڭ بۇتخانا يەنە كۆيدۈرۈلگەن، كېيىن يامادا مىچىيا سۇ تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. تويوتومى ھىدېيوشى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئۆلچىگەندە ئىبادەتخانىغا تەۋە قورۇقلار تەدرىجىي ۋەيران بولغان. توكۇگاۋا بارگاھى ئىبادەتخانىغا تاپشۇرۇلىدىغان يىللىق ئولپاننى 3500 دادەن قىلىپ بېكىتكەن. 1692 - يىلىچوڭ ئىبادەتخانىدىكى چوڭ بۇتخانا قايتا ياسىلىپ، چوڭ بۇت قايتىدىن قويۇلغان. بۈگۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى فېۋرال خانىقاسى، چۈەنخەي دەرۋازىسى، فاخۇا خانىقاسى ھەمئامبار قورۇسى نارا مەزگىلىدە ياسالغان، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسى، قۇڭغۇراق راۋىقى قاتارلىقلار كاماكۇرا مەزگىلىدە ياسالغان، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە خېيئان دەۋرىگە ئائىت يازما يادىكارلىقلار بىرقەدەر كۆپ ساقلانغان.