Uyghur←Chinese主要词典
دوناتۇس مەزھىپى
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
多纳图派
duō nà tú pài
دۇنيا تارىخى
多纳图派
duō nà tú pài
دەسلەپكى خرىستىئان دىنىدىكى <بىدئەت> دىنىي مەزھەپ. ئاساس سالغۇچى دوناتۇس شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندا ئېپىسكوپ بولغان (313)، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى نومىدىيە ۋە مورىتانىيە (ھازىرقى ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنىڭ شىمالى) گە تارقالغان. بۇ مەزھەپ رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى خرىستىئان چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇپ، چېركاۋ تەشكىلاتلىرى رىم دۆلىتى بىلەن بىرلەشمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان؛ چوڭ پومېشچىك ۋە رىم ئەمەلدارلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مال - مۈلۈكە ئومۇم ئىگىدارلىق قىلىش (ئىپتىدائىي خرىستىئان دىنىي غايىسى) نى تەشەببۇس قىلغان. نامراتلار، قۇللار ۋە ئوتاقچىلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ كەڭ ھىماىيىسىگە ئېرىشكەن. كۆپلىگەن مۇرىتلىرى ئاگونىستلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بايلار ۋە ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن <كۆچمەن راھىبلار> دەپ ئاتالغان. كونستانتىن Ⅰ دىن بۇيان، كۆپ قېتىم رىم ھۆكۈرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكى ۋە باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان، بۇلارنىڭ پائالىيىتى ئاگونىستلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ، بەزىدە پەسەيەن. مىلادىن Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىرىدا، ئاۋگوستىن ھىپپو (شىمالىي ئافرىقىدا) غا ئېپىسكوپ بولغاندا، دوناتۇس مەزھىپىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى Ⅴ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان، <بىدئەت> دىنىي مەزھەپ سۈپىتىدە تەخمىنەن ⅤⅡ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.