Uyghur主要词典
دومىتىئان
دۇنيا تارىخى
(مىلادى 51-96)قەدىمقى رىم پادىشاھ(81-96). ۋېسپاسئاننىڭ ئوغلى، قېرىندىشى تىتۇس ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان، تەرسا ھەم گۇمانخور. ئۇ سېناتنى بېسىپ، ئۆزىنى<خۇدادىن ئۈستۈن>دەپ ئاتىۋالغان. رىمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى پۈتۈن ئىسپانىيىگىچە كېڭەيتىپ، بىر قانچە مەمۇرىي ئۆلكە شەھەرلىرىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن، مالىيە كىرىمىنى كۈچىنىڭ بارىچە كۆپەيتكەن. سىرتقاقارىتا برتانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قوشۇن تارتقان، يەنە قوشۇننى باشلاپ رېين دەرياسى رايونىدىكى كاتتىلار(گېرمانلارغا تەۋە)بىلەن جەڭ قىلىپ(83)، غەلىبە قىلغان. 86-90-يىللىرى ئەسكەر ئەۋەتىپ داكىيە رايونى(ھازىرقى رۇمىنىيە ئەتراپلىرى)غا تاجاۋۇز قىلغاندا، داكىيىلىكلەرنىڭ يولباشچىسى دېكېبالوس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان؛ دومىتىئان باشچىلىق قىلغان ياردەمچى قوشۇنمۇ مەغلۇپ بولۇپ، ھاقارەت خاراكتېردىكى سۈلھ شەرتنامىسىنى تۈزۈشكە مەجبور بولغان. ھەرقايسى جەھەتلەردە قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خرىستىئانلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەممىنى ئۆزىدىن بىزار قىلغان. ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئوردىدىكى مۇھىم ئەمەلدار سۈيىقەستچىلەر گوروھى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان، خانىكە دومىتىيامۇ قاتناشقان. بىر سۈيىقەستتە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.