Uyghur主要词典
دومىنكو جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
<دومىنكا مەزھىپى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاتولىك دىندىكى تىلەمچى مۇناخلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزھەپلىرىدىن بىرى. 1215-يىلى ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك دومىنكو قۇرغان 1217-يىلى پاپا خونورىئوس (1216-1227-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ تەستىقىغا ئىگە بولغان. 1232-يىلى پاپانىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بىدئەتلەر مەھكىمە شەرھىنى باشقۇرۇپ بىدئەتلەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلغان، كېيىن ياۋرۇپادىكى بەزى ئونۋېرستېتلارنىڭ ئىلاھىيەت مۇنبىرىدىنمۇ باشقۇرغان دەسلەپكى مۇرتلىرى نامراتلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى كۆپلەپ مال مۈلۈك توپلىۋالغان. ئەسىردە ئامېرىكا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا سىڭپ كىرىشكە باشلىغان. ئەسىردە ئامېرىكا قىتئەسىگە كېڭەيگەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇرىتلىرىنى جۇڭگونىڭ تەيۋەن،فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىغا ئەۋەتكەن. دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتىدە تەسىر كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن، بۇ جەمئىيەت ھازىرغىچە يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ