Uyghur主要词典
دولقۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېڭىز - ئوكيان، كۆل - دەريالاردا كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرغان سۇ يۈزى.
«چايقاق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھەقىقەت ئوت ئىچىدە كۆيمەس، دولقۇندىمۇ غەرق بولماس. دولقۇنى يوق دېڭىز بولماس. سايرام كۆلى مەۋج ئۇرغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۆركەش يېرىپ ئۈزگەندىلا، سۇنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دېڭىز - ئوكيان، كۆل سۇلىرىدا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك چايقاق.
<فىز> تەۋرىنىشنىڭ جىسىمدىكى تارقىلىشى. ئۇ جىسىمنىڭ ماددىي نۇقتىسىنىڭ تەۋرىنىشىدۇر. دولقۇن پەقەت ھەرىكەتنىڭ بىر خىل تارقىلىش شەكلى بولۇپ، ماددىي نۇقتىنىڭ ئۆزى دولقۇنغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلىمەيدۇ. مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى.
كۆچمە. كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى ھەرىكەت.
ئىنقىلاب دولقۇنى.
كۆچمە. ئىچكى كەچۈرمىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى.
قەلب دولقۇنى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
(بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ھاياتتا يايراپ، جۇش ئۇرۇپ يۈرسۇن، دېگەن مەنىدە