Uyghur←Chinese主要词典
دوللار دىپلوماتىيىسى
قانۇنشۇناسلىق
金元外交
jīn yuán wài jiāo
دۇنيا تارىخى
金元外交
jīn yuán wài jiāo
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامېرىكا يولغا قويغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1909-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تافت ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ چەت ئەلدە پۇل قەرز بېرىش ئارقىلىق پايدا ئېلىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 1912-يىلى 12-ئايدا تافت ۋەزىپىسىدىن قېپقېلىشتىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئەھۋالى بايان قىلىنغان دوكلاتىدا تېخىمۇ ئېنىق ھالدا بۇ سىياسەتنى <دوللارنى مىلتىق ئورنىغا دەسسىتىش> ئارقىلىق چەت ئەلدىكى كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە يار - يۆلەكتە بولۇش ھەمدە ئامېرىكا سودىسىنى يۈكسەلدۈرۈش، دەپ ئاتىغان. زۇڭتۇڭ ۋىلسون مەزگىللىرى بۇ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرغان، شۇنداقلا <كالتەك سىياسىتى> بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن: ھايتى ۋە دومىنىكاغا ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتىدە دائىم دوللار بىلەن ئەمەلىي كۈچ ئاساس قىلىنغان. 1934-يىلى قوشىندارچىلىق سىياسەت تەشەببۇس قىلىنغاندىن كېيىنلا دوللار دىپلوماتىيىسىدە سەل ئۆزگىرىش بولغان.