Uyghur主要词典
دولا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ ئارقا تەرىپى، ئۈستى تەرىپى.
ئورمانچىنىڭ دۈمبىسىنى پالتا ئىسسىتار. ئۇچاڭ قىچىشسا تۈگمەنگە بار. ئۆشنەڭ غولاڭغا گۇۋاھ. دولىسى يېغىرنىڭ پۇتى ئېغىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ قوللىرى دۈمبىگە، بويۇنغا تۇتاشقان يەر.
كۆزى گەجگىسىگە چىقىپ قاپتۇ، ئەقلى دۈمبىسىگە. سۇنغان قول يەلكىگە يۈك. يېتىمنىڭ رىزقىنى يېگۈچە، پاتىڭىڭدىن كېسىپ يە. ئۆيىگە توشۇغاننىڭ شىللىسى ئاغرىماس. خەقنى مۈرەڭگە چىقارساڭ، ھە دېگۈچە بېشىڭغا چىقىدۇ. دولسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەمنىڭ بىلىكىنىڭ يۇقىرىسىدىكى بويۇنغا تۇتاشقان ئىككى تەكشى جايى.
ئۇنىڭ دولىسى سەل پەس ئىدى.
ھايۋاننىڭ ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك بار قىسمى.
تورپاق يەنە سەكرىدى، ئۈستىدىكى توقۇم ئۇنىڭ دولىسىغا كېلىپ قالدى.
كېيىمنىڭ ياقىغا تۇتاش ئىككى ياندىكى قىسمى.
بۇ كۆڭلەكنىڭ دولىسى بىر ئاز كەڭ بولۇپ قاپتۇ.