Uyghur主要词典
دوكلات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەھۋال ۋە ماتېرىيالنى يۇقىرىغا، باشلىققا ياكى ئاممىغا مەلۇم قىلىش.
«راپورت» ئادەتتە قوشۇنلاردىلا ئىشلىتىلىدۇ.
سۇڭ خەنلياڭ شۇجى جياڭ زېمىن باش شۇجىغا شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يېزىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى. جەڭچى كوماندىرغا راپورت بەردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەسىلە ئۈستىدە كۆپچىلىككە سۆزلەنگەن نۇتۇق.
«دوكلات» كەڭ قوللىنىلىدۇ.
«مەرۇزە» ئىستېمالدىن قالدى.
«ۋەز» سەلبىي مەنە ئېلىپ قالدى.
«خۇتبە» خاتىپ جۈمەدە ئوقۇيدىغان چۈشىنىكسىز ئەرەبچە سۆز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۆلۈم باشلىقى ئېقىم مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات بەردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ 1949 - يىلى مايدا ئىلىدا ئىتتىپاق ئاكتىپلىرى يىغىنىدا بەرگەن «ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز» دېگەن مەرۇزىسى ئۆز ۋاقتىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ئوبدان ئويلانسۇن. جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاتىپ خۇتبە ئوقۇدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بىرەر تېمىدا كۆپچىلىك ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق، سۆز ۋە شۇ نۇتۇقنىڭ يازما تېكىستى.
دوكلات بەرمەك. دوكلات قىلماق. دوكلات ئاڭلىماق.
رەھبىرىي ئورگانلارغا ياكى باشلىققا ئاغزاكى ۋە ياكى يازما ھالەتتە بېرىلگەن مەلۇمات، ئاخبارات.
يازما دوكلات.