Uyghur←Chinese主要词典
دۆلەت ئىلمى ئېقىمى
دۇنيا تارىخى
国家学派
guó jiā xué pài
قانۇ ئىلمىي ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن روسىيىدىكى بۇرژۇئا تارىخ ئېقىمى. ئاساسچىسى چىچېرىن (1828 - 1904). بۇ ئېقىم تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ رۇس دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەبىئىي شارائىت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان ھەمدە روسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپا تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن؛ دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەت روسىيە تارىخىنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلىغان. قانۇن، نىزام قاتارلى قانۇن چىقىرىشقا دائىر ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىشلار تارىخى، دۆلەت ئوگانلىرى تارىخىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھەكىمىيەت تۈزۈمىنى كۈچىنڭ بارىچە بېزەت كۆرسەتكەن. بۇ ئېقىم بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان بولۇپ، تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. سېرگېيىۋىچ، گرادوۋىسكىي، كليۇچېۋىسكىي قاتارلىق تارىخشۇناسلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇ ئېقىمنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوبۇل قىلغان. پلېخانوۋمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.