Uyghur←Chinese主要词典
دۆلەت قوغدىنىش قانۇنى
دۇنيا تارىخى
国家保卫法
guó jiā bǎo wèi fǎ
1921-يىلى يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتى ئۆز مەملىكىتىدىكى كومپارتىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ماقۇللىغان قانۇن. <ۋېدوۋ ئاساسىي قانۇنى> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1921-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ قانۇننى ماقۇللاپ، يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسىنى ئۈزۈل - كېسىل مەنئى قىلىپ، بۇ پارتىيىدىن بولغان 58 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاپ، كوممۇنىستلارغا قارىتا ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى يوشۇرۇن كۈرەشكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.