Uyghur←Chinese主要词典
دۆلەت يارلىقى
دۇنيا تارىخى
国本诏书
guó běn zhào shū
1713-يىلى ئاۋسترىيە ئېلان قىلغان پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش پەرمانى. ھابىسبۇرگ خان جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاياللارنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئاۋسترىيە كورۇلى كارل Ⅵ نىڭ ئوغلى يوق بولغاچقا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىمپېرىيە زېمنىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1710-يىلى خوجىلىق جايلارنىڭ كىنەزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 1713-يىلى بۇ يارلىقنى تۈزۈپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زېمىنلار بۆلۈنمەيدۇ، مەلىكە مارىيە تېرېزىيە تەخت ۋارىسى بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان. يارلىق دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق، ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كورۇللىرى (باۋارىيە ۋە فرانسىيىدىن باشقا) نىڭ ئېتىرپاق ىلىشنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، 1724-يىلى دۆلەت پەرمانى سۈپىتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنغان. 1740-يىلى كارل Ⅵ ۋاپات بولغاندا، پروسسىيە، باۋارىيە، ساكسونىيە ۋە فرانسىيە ئاۋسترىيىگە قارىتا زېمىن قارا نىيىتىدە بولۇپ، بۇ يازلىقنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئاۋسترىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.