Uyghur←Chinese主要词典
دۆلەت باشلىقى تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
蒲林斯制
pú lín sī zhì
رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى - مىلادى 284-يىلى) دىكى بىر خىل ھۆكۈمرانلىق شەلى. ئاۋگۇستۇس (ئوكتاۋىئان) ئىمپېراتورلۇق تۈزۈمىنى ئورناتقان چاغدىن باشلانغان. كۆرۈنۈشتە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى دۆلەت ئاپپاراتى (سېنات، پۇقرالار مەجلىسى، ترىبون ۋە ھەرخىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار) ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە <دۆلەت باشلىقى> (<سېنات باشلىقى> ياكى <بىرىنچى پۇقرا>) دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ئەينى زاماندا بەزىلەر ئۇنى جۇمھۇرىيەت نىقابىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان پادىشاھلىق تۈزۈمى، دەپ ئاتىغان. ئاۋگۇستۇستىن كېيىنكى ئىمپېراتورلار ئاساسەن مۇشۇ تۈزۈمنى قوللانغان، ئەمما مۇستەبىتلىك ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچەيتكەن. مىلادى 284-يىلى دىئوكلېتىئانۇس تەختكە چىققاندىن كېيىن، دېموكراتىيە نىقابىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاشكارا ھالدىكى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكى (<دومىنات تۈزۈمى>) نى يولغا قويغان.