Uyghur主要词典
دۆلەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مەملىكەت بىلەن مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىميەتنىڭ بىرىكمىسى.
دۆلەت تۈزۈلمىسى.* دۆلەت سىياسىتى.* دۆلەت پىلانى.* دۆلەت ئەربابى.* دۆلەت بايرىقى.* دۆلەت شېئىرى.* دۆلەت گېزبى.
كۈچ بىلەن تۇتالمايدۇ دۆلەت بېشىنى كىشى،
كور قويسا ئوسما، مەنىسىزدۇر بۇ ئىشى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بايلىق، مال _ دۇنيا.
ئۇشۇق دۆلەت باشنى يارماس( ماقال ). دۆلەت ئۇيقۇسى.* بىلىم _ دۆلەت، كىيىم _ سۆلەت ( ماقال ).* دۆلەتتىن داڭق ئارتۇق ( ماقال ).* بىر مىسقال دۆلەتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىڭ مىسقال تەمكىنلىك كېرەك.
2. بەخت، بەخت _ پاراغەت، راھەت. دۆلەت كۆتۈرمەك.* بېشىڭغا دۆلەت قۇشى قونماق.* ياخشى خوتۇن ئەرگە دۆلەت ( ماقال ).* تەن ساقلىق دۆلەت ئىكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلتىمىزنىڭ ئالىي ئىجرائىي ئورگىنى، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى، زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، مىنىستىرلەر ۋە كومىتېت مۇدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن.
گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار ۋە ئۇلارغا خىزمىتىدىن ھېسابات بېرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم چېگرا بىلەن ئورالغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تېررىتورىيە.
<دۆلەت> تېررىتورىيە دائىرىسىدىكى <ھاكىمىيەت> مەنىسىدە كېلىدۇ.
مەملىكەت ئىستىسەڭ ئادىل يولنى تۇت، بولمىسا سەن ئۇنداق ھەۋەسنى ئۇنۇت. دۆلەت شېئىرى: دۆلەت گېربى: دۆلەت بايرىقى؛ دۆلەت باشلىقى. دۆلەتنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئەل ئەلدىن قالسا، ئەرگە نومۇس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بالا، قازا، بالا - قازا، ئاپەت، كۈلپەت
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<پەلس> مۇئەييەن بىر سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالى يەنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ ئۈستىدىن دىكتاتورا يۈرگۈزۈشىدىكى زوراۋانلىق تەشكىلى. ئاساسەن ئارمىيە، ساقچى، سوت تۈرمە قاتارلىقلاردىن تەشكىللىنىدۇ.
دۆلەت ئاپپاراتى. دۆلەت بايرىقى. دۆلەت قۇرماق.
بىر دۆلەتكە قاراشلىق پۈتكۈل زېمىن.
دۆلەت تەۋەلىكى. دۆلەت چېگىرىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مال - دۇنيا، بايلىق.
ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس (ماقال).
كۆچمە. بەخت - پاراغەت، راھەت، ھالاۋەت.
تەن ساقلىق - دۆلەت ئىكەن.
ئەر - ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
دۆلەتمەن، بەختلىك