Uyghur主要词典
دۆڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئېگىزلىك.
ئېتىڭ ھارسا دۆڭگە چاپ. قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا. تۆپە كىيىپ تۆپىگە چىقما. تارىم بويىدا، تەكلىماكاندا قۇم بارخانلىرى كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆتۈرۈلگەن، چوقچايغان، دومبايغان، ئەتراپىدىكى يەرلەردىن ئېگىز.
دۆڭ يەر.
ئوي مەلىدىن دۆڭ مەلىگە ئويناي دەپ كەلدىم، ياخشى دەمسەن يامان دەمسەن، سىناي دەپ كەلدىم.
ئى. كۆتۈرۈلگەن، چوقچايغان، دومبايغان يەر، ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئېگىزرەك بولغان جاي.
دۆڭگە چىقماق.
دۆڭنى كۆرۈپ تاغ دېمە، گۈلنى كۆرۈپ باغ دېمە (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. كۆڭۈلدىكىدەك، ئىنتايىن ياخشى، بەھۇزۇر.
ناخشىسىنى دۆڭ توۋلىماق. ئىشى دۆڭ بولماق. ئۇسسۇلنى دۆڭ كەلتۈرماق.