Uyghur主要词典
دوبوئىس
دۇنيا تارىخى
(1868-1963)ئامېرىكا نېگىرلار ھەركىتىنىڭ داھىيىسى ۋە يازغۇچىسى. ماسساچۇسېت شىتاتىدا تۇغۇلغان. 1888-يىلى فېسىك ئونۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن. 1890-يىلى خارۋارە ئونۋېرستېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1894-1896-يىللىرى ۋىلبېرفورس ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇنان ۋە لاتىن تىلى پروفېسسورى بولغان. 1910-1932-يىللىرى ئامېرىكا رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىق تەرەققىيات ئۇيۇشمىسى نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ژۇرنىلى<كرىزىس>ژۇرنىلىنىڭ ياش مۇھەررىرى بولغان. 1933-1944-يىلى ئاتلانتا ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1933-1945-يىللىرى<نېگىرلار قامۇسى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. نېگىرلار باراۋەرلىك ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئامېرىكا رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىق تەرەققىيات ئۇيۇشمىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى، جۈملىدىن پان ئافرىقا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. تىنچلىق ھەرىكىتىگە كۈچ قوشۇپ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1950-يىلى دۇنيا تېنچلىق پراۋلېنىيە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1962،1959،1936-يىللىرى ئۈچ نۆۋەت جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغان. 1960 - يىلى گاناغا كۆچۈپ كېلىپ<ئافرىقا قامۇسى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1961-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1963-يىلى گانا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقلىرى<نېگىرلارنىڭ روھى>،<جونبرائون>،<قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىكى نېگىرلار>،<گۇگۇم بىلەن تاڭ>،<تېرە رەڭگى ۋە دېمۇكراتىيە>،<دۇنيا ۋە ئافرىقا>قاتارلىقلاردىن ئىبارەت