Uyghur主要词典
دىن ئىلمىنىڭ گۈللىنىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
غەززالى يازغان تۆت جىلدلىق ئىلمىي تەۋھىد ئەسەر بولۇپ، بۇنى يېزىشقا 19 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. تەخمىنەن 1095 - يىلىدىن 1107 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملانغان. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەربىر قىسىم ئىككى جىلدقا، ھەربىر جىلد 10 بابقا، جەمئىي تۆت جىلد، 40 بابقا بۆلۈنگەن. بىرىنچى جىلدتا ئىبادەت (دىنىي مەجبۇرىيەت) لەر، يەنى ئىنساننىڭ ئاللاغا بويسۇنۇش ئەمەللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. جۈملىدىن بىرىنچى بابتا دىنىي مۇراسىملارغا دائىر بىلىملەر، ئىككىنچى بابتا ئىلمىي تەۋھىد بايان قىلىنغان. ئىككىنچى جىلدتا ئىجتىمائىي ئادەتلەر، يەنى دىنىي تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان گۈزەل ئەخلاقلار، تەربىيىلىنىشلەر ۋە ھەرىكەت ئەمەللەر مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون سەككىزىنچى بابتا مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل بىلەن سوپىلاردىكى بېرىلىپ كېتىش ھالىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان. يىگىرمىنچى بابتا مۇھاكىمە قىلىنغان پەيغەمبەرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى پۈتۈن كىتابنىڭ يادروسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچى جىلدتا ۋەيرانلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار، يەنى ئەخلاق جەھەتتىكى گۇناھلار مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى يىگىرمە ئىككىنچى بابتا ئىنسان قەلبىنىڭ غەلىتىلىكى بايان قىلىنغان. تۆتىنچى جىلدتا مۇنجىيات (قۇتقۇزۇپ قېلىنىشقا ئىگە بولىدىغان ئىشلار)، يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ساۋابلىق ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 34 -، 35 -، 36 - بابلاردا نامرات ئۆتۈش ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، چىداش ۋە مىننەتدارلىق، ياخشى كۆرۈش ۋە ئارزۇ قىلىش مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇئەللىپنىڭ مىستىتسىزملىق تەسىراتى ئىپادىلەنگەن. ئوتتۇز توققۇزىنچى بابتا شەرىئەت روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرمۇش بايان قىلىنغان. ئاخىرقى بابتا قىيامەت سورىقىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە خۇشاللىقى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب مۇئەللىپ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ بايانى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلمىي تەۋھىدنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسى پەلسەپە ۋە لوگىكا بىلەن بەرپا قىلىنغان. مىستىتسىزم ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، ئىسلام دىنى ئەنئەنىۋى ئەقىدىسىنىڭ ئاخىرقى شەكلى تىكلەنگەن. ئەسەرنىڭ ئەرەبچە، پارسچە قىسقارتىلىپ يېزىلغان نۇسخىسى - <سائادەتلىك كىمىياگەرلىك> 1872 - يىلى مىسىردىكى بۇلاق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۆت جىلد قىلىپ نەشر قىلىندى؛ 1893 - يىلىدىن 1894 - يىلىغىچە قاھىرەدە سەئىد مۇرتەزە زەبىدنىڭ 10 جىلدلىق شەرھى تەرجىمە نۇسخىسى بېسىلدى. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى لاتىنچىغا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ سىخولاستىك پەلسەپىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان تولۇق نۇسخىسى پاكىستاندا نەشر قىلىندى. مۇئەللىپ <دىن ئاجىزلاشقان، ئەخلاق چۈشكۈنلەشكەن دەۋر> دە ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ دەرمانىنى تاۋلاپ، ئۇلارغا ھەممە جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئاخىرەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. بۇ كىتابتا مۇئەللىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە تەسەۋۋۇپچىلىق قارىشى تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، روشەن سىرلىق تۈس مەۋجۇت.