Uyghur←Chinese主要词典
دىنىس
دۇنيا تارىخى
迪尼斯
dí ní sī
(1261-1325)پورتۇگالىيە بۇرگۇند خاندانلىقىنىڭ كورولى(1279-1325). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق فېئوداللار ھەم شەھەر خەلقىگە تايىنىپ چوڭ فېئوداللارنى كونتورول قىلىپ، چىركاۋ كۈچلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ يېزا ئىگىلىكىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، سازلىقلارنى تىزگىنلەپ، پورتۇگالىيىنىڭ ئاشلىلق ئىشلەپ چىقىرىشنى ئۆزئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن، شۇڭا ئۇ<دېھقان كورول>دىگەن نامغا ئېرىشكەن؛ كان سانائىتى(ئاساسللىقى ئالتۇن قېزىش) نى يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 1294-يىلى ئەنگىلىيە بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالىغان. پورتۇگالىيىنىڭ سودا كېمىلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە فلاندىرىيىگە قاتنىغان.، چەت ئەل سودىگەرلىرىمۇ لىسابونغا كېلىپ سودا قىلغان؛ مەدەنىيەتنى مۇكاپاتلاپ پورتۇگالىيە يېزىقىنى لاتىن يېزىقى بىلەن ھۆكۈمەت خەت ئالاقىلىرىنى يېزىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ھەمدە نۇرغۇن ئەرەبچە ئەسەرلەرنى پورتۇگالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. 1290-يىلى لىسابون ئونۋېرستېتىنى بەرپا قىلىپ، 1308-يىلى مەكتەپنى كوئىمبرا (پورتۇگالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) غا كۆچۈرگەن،(2)جۇلىئو دىنىس (1839-1871)پورتۇگالىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى جوئاكىن گىلېرىي گومىس كوئېلو، تىببىي پەن ئونۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پورتو مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1862-يىلدىن باشلاپ ھىكايە ئېلان قىلغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلەپ، ئاقسۆڭەكلەرگە نىسپەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.<مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى>ۋە< بىر ئەنگلىيە ئائىلىسى>ناملىق ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدە يېزا تۇرمۇشى ۋە پورتودىكى ئىنگلىزلار جەمئىيىتىنى تەسۋىرلىگەن. شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان سىل كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.