Uyghur←Chinese主要词典
دمىترىي دونىسكوي
دۇنيا تارىخى
德米特里.顿斯科伊
dé mǐ tè lǐ .dùn sī kē yī
(1350 - 1389) موسكۋا كىنەزى (1359 - 1789)، ۋلادىمىز كىنەزى (1363 ياكى 1362 - 1389). ئەسلى ئىسمى دمىترىي ئىۋانوۋىچ. ئىۋان Ⅰ (ھەميان) نىڭ نەۋرىسى. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، موسكۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، كونا ياغاچ شەھەرنىڭ تېشىدا تاش شەھەر قۇرغان، باشقا كىنەزلىكنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1368 - 1375-يىللاردا قوشنىسى تېۋىر، رەيازان، تۆwەنكى نوۋگورود قاتارلىق كىنەزلىكلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، تېۋىرنى مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن، موسكۋا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان ھەمدە غەيرىي رۇسلار رايونلىرىغا (مەسىلەن، ۋىچېگىدا دەرياسى ۋادىسى) تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ كۈنسايىن قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان. 1380-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 150 مىڭ روسىيىلىك ئەسكەرنى باشلاپ، دون دەرياسى يېنىدىكى كۇرىكوپ جېڭىدە موڭغۇلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ <دونىسكوئىن> (مەنىسى <دون پادىشاھى> دېگەنلىك) دەپ نام ئالغان. 1382-يىلى قايتا باشتۇرۇپ كەلگەن قىپچاق خانلىقىنىڭ يېڭى خانى توتومىش تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، يەنە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.