Uyghur主要词典
دېمېتېر
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دېھقانچىلىق ۋە مول ھوسول خۇداسى. رىم ئەپسانىلىرىدا كېرېس دەپ ئاتىلىدۇ. كىرۇس بىلەن رېيەنىڭ قىزى،زېۋىسنىڭ ئىگىچىسى؛زېۋىس بىلەن توي قىلىپ مول ھوسۇل خۇداسى پېرىسېخونېنى تۇغقان. ئۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن يۇنانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى ئېتىقادقا ئېرىشكەن. ئېيتىلىشچە پېرىسېخونې گۈل ئۈزۈۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت يېرىلىپ ئاخىرەت پادىشاھ خادېس چىقىپ ئۇنى بۇلاپ كەتكەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دۇنيانىڭ خانىكىسى بولۇپ قالغانمىش. دېمېتىر ئىنتايىن پەرىشان بولۇپ ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان، يەرلەر قاقاسلىشىپ كىشىلىك دۇنياسى ئاچارچىلىق ئىچىدە قالغان زېۋىس ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن قىزىنىڭ يىلىغا بىر قېتىم دىدار كۆرىشىگە يول قويغان. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىگە باھار يېتىپ كېلىپ دانلىق زىرائەتلەر يېڭىباشتىن بولۇق ئۆسۈپ چىقىدىغان بولغان، شۇڭا<دېمېتىر><يەر ئانا> ياكى<زىرائەتنىڭ ئانىسى>دېگەن مەنىدە بولۇپ ئۇ يالغۇز گرېتسىيىنىڭ ئولۇمپيە تېغىدىكى خۇداسى بولۇپلاقالماي بەلكى بەزى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى مىللەتلەرنىڭمۇ مەبۇدىسى بولۇپ ھېسابلانغان.