Uyghur←Chinese主要词典
دېموكراتىزمچىلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
民主主义者同盟
mín zhǔ zhǔ yì zhě tóng méng
ⅩⅤⅢئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە بۇرژۇئا دېموكراتىزمچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىر بىلەن 1794-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋېنگرىيىلىك پەيلاسوپ، مۇناستىر باشلىقى يېگۇرنامادىننوۋېچ، شائىر باجانې يانوش، لاتسكوۋېچ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلغار زىيالىيلار، ۋېنا ۋە بۇدا - پېشتتا مەركىزىي تەشكىلاتى، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ مۇمكىن شەھەرلىرىدە گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە <بىرلىككە كەلگەن دېموكراتلار> ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، <ياكوبىنچىلار ھەرىكىتى> دەپ ئاتالغان. ئىتتىپاق فرانسىيە ئىنقىلابىي ئىدىيىسى ۋە پرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىتىيازىنى بىكار قىلىپ، مەسئۇلىيەتلىك كابىنېت تۈزۈمىدىكى پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى؛ بارلىق پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋەدۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك - باراۋەرلىك جەمئىيىتى، ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق مەخپىي دېموكراتىك تەشكىلاتلار قۇرۇلغان. 1795-يىلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شۇ يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش <ياكوبىنچىلار دېلوسى> نى سوراق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تېررورلۇق سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپلىگەن دېموكراتلارنى قىرغان ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، كۆپلىگەن گېزىت - ژۇرناللارنى پېچەتلىۋەتكەن.