Uyghur主要词典
دىلىستان
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى ئالغۇچى، كۆڭۈلنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغۇچى، دىلبەر، سۆيۈملۈك يار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. كۆڭۈل، دىل، قەلب.
قاتمۇ قات زەنجىر قەپەسلەر كۆيدى ئوتتا ئۆرتىنىپ كۈلدى شادلىق ئىلكىدە يايراپ دىلىستان باشقىچە.
سۈپ. كۆڭۈلنى ئۆزىگە تارتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان.
دىلىستان باھارىم سالقىن - ناھارىم، گىياھلار ئاينىدىن سېنىڭ مېھرىڭدىن.
ئى. كۆڭۈلنى ئەسىر قىلغۇچى، مەھلىيا قىلغۇچى سۆيۈملۈك يار، گۈزەل جانان، دىلبەر.
كۆڭۈل شىكايىتىمدىن يۈز رىسالە يازمىشمەن، كىم ئىلىتكەي بۇ رىسالەتنى دىلىستانىمگە.