Uyghur主要词典
دىلدار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى رام قىلغۇچى، ئوۋلىغۇچى.
يېقىملىق، تەسىرلىك:
گۈزەل، جانان:
تەكەللۇمدىن ئېتىپ تۈرلۈك شەكەررىز،
كۆڭۈل دىلدار ھېكايە قىلدى ئەنگىز.
لۇتقى.
3. ساڭا كۆڭۈلمنى ئالدۇردۇم جەھاندا،
كۆرۈپمەن گەرچە كۆپ دىلدارلارنى.
بابىر.
4. ئەي نىگارا، سەن ئىدىڭ بۇ خەستە كۆڭلۈم خۇشلۇغى،
ئەمدى بۇ غۇربەت ئىچىدە كىمسەنى دىلدار ئېتەي؟
موللا بىلال.
يار، دوست، ئاشنا:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى خوش قىلغۇچى. كۆچمە مەنىسى: يار، مەھبۇب، سەۋگىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. گۈزەل يار، سۆيۈملۈك، ياخشى كۆرگەن كىشىسى، سۆيگىنى، مۇھەببىتى.
توغرا ئۇنىڭ ئاشىقى بار، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە بىر دىلدارى بار، قىزلار ئۆزىنىڭ ئاشىقىنى باشقىلارغا مەغرۇر ۋە بەختىيارلىق بىلەن، زوق - شوقى بىلەن ماختاپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سۈپ. يېقىملىق، كۆڭۈلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان، كۆڭۈلگە ياقىدىغان.
ھۆر كەبى زۆھرە ماڭا دىلدار يار جانان بولۇر، ھەر كېچە يورۇتقىلى كۈلبەمگە ئۇ تابان بولۇر.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
كۆڭۈل ئالغۇچى سۆيۈملۈك يار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
① كۆڭۈلنى خۇش قىلغۇچى، ② باتۇر، يۈرەكلىك