Uyghur←Chinese主要词典
دىكېنىس
دۇنيا تارىخى
狄更斯
dí gèng sī
(1812 - 1870) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. كىچىك خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالا ئىشچى بولغان. كېيىن قانۇن كونتوراسىدا كاتىپلىق قىلغان. ئۇ، تېز خاتىرىلەشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق ئۆتمەي <خەۋەر ئەتىگەنلىك گېزىتى> نىڭ مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئوچېرىك ۋەھېكايىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1837-يىلى <پېكۋىكنىڭ غەيرىي تەرجىمىھالى> ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنىڭ ساختىلىقىنى مەسخىرە قىلىپ، پەيدىنپەي داڭق چىقارغان. 1838- ۋە 1839-يىلىرى <ئولف توشكىي> ۋە <نىگولاس نىكوربىر> ناملىق رومانلىرىنى يېزىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى نامرات ئۆسمۈرلەرنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى تەسۋىرلەپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ ۋە مەكتەپ مائارىپىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى ئېچىپ بەرگەن. 1842-يىلى ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارغاندىن كېيىن، <ئامېرىكا خاتىرىلىرى> ۋە <مارتىن چۈشرېۋېت> ناملىق روماننى ئېلان قىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە پۇل ئېتىقادچىلىقىنى قامچىلىغان. 1846-يىلى لوندوندىكى <كۈنلۈك خەۋەرلەر> گېزىتىنىڭ تۇنجى باش مۇھەررىرلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئىگە بولغان. 50-يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇدا <ئاتا - بالا دونبېر>، <داۋىد كېفېرىد>، <چۆلدەرەپ قالغان تاغلىق كەنت>، <رىيارەتلىك دۇنيا> قاتارلىق رومانلىرىنى يېزىپ چىقىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچكۆزلۈكى، ساختىپەزلىكى ۋە ئەدلىيە، مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ پاش قىلغان. 1859-يىلى <قوش قەلئە خاتىرىسى> ناملىق رومانىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلغان. دىكېنىسنىڭ ئەسەرلىرى گۇمانىزمنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالىزىم جەمئىيىتىىدكى رەزىل رېئاللىققا ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئەنگلىيە تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.