Uyghur主要词典
دىڭجۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېبېيدىكى دىڭجۇ شەھىرىنىڭ چىڭگۇەن ئازادلىق كوچىسىدا. دەسلەپ سېلىنغان يىلى ئېنىق ئەمەس. 1348 - يىلى قايتا سېلىنغان. 1521 - يىلى چوڭ رېمونت قىلىنغان. 1731 - يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان. خانىقانىڭ ئىشىكلىرىگە گۈل - گىياھ نەقىشلىرى ناھايىتى چىرايلىق ئويۇلغان. بۇ مەسچىتنىڭ بەزى قالدۇقلىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر بولۇپ، جۇڭگودا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇن خىش بىلەن سېلىنىپ لىم ئىشلىتىلمىگەن ياكى ئۆگزىسى يېرىم ئەگمە قىلىپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.