Uyghur←Chinese主要词典
دجىلاس دېلوسى
دۇنيا تارىخى
德热拉斯案件
dé rè lā sī àn jiàn
يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ دجىلاسىنى بىر تەرەپ قىلغان ۋەقە. 1954-يىلى 1-ئايدا يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق(پەۋقۇلئاددە)ئومومىي يىغىنى چاقىرىلىپ، يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزى ئىجرائىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى مىلوۋان دجىلاس(1911-)ۋەكىللىكىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان، يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى رولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆپ پارتىيە تۈزۇمىنى يولغا قۇيۇش مەقسەت قىلىنغان تەلەپنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان ھەمدە ئۇنى مەركىزىي كومىتېتتىن قوغلاپ چىقىرىلپ، بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىغان. كېيىن يەنە ئۇنى يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇ يىلى 12-ئايدا دجىلاس چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىگە ھۇجۇم قىلغان كىتابچىسىنى نەشىر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن بىر يېرىم يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. كېيىن يەنە چەت ئەلنىڭ گېزىتژورناللىرىدا يۇگۇسلاۋىيە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى شۇنىڭدەك چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ<يېڭى سىنىپ>ۋە<سىتالىن بىلەن قىلغان سۆھبىتىم>قاتارلىق ئەسەرلىرنى نەشىر قىلدۇرۇپ دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جازا بېرىلگەن. 1966-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن.