Chinese→Uyghur主要词典
地中海协定
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا دېڭىز كېلىشىمى
ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتالىيە تۈزگەن كېلىشىم. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىسمىنىڭ ئەينى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. 1887 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە نوتا تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز، ئادرىياتىك دېڭىزى ۋە ئېگېي دېڭىزىدا ئەينى ھالەتنى ساقلاش، مۇشۇ رايوندا ھەرقانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەت مەسلىھەتلىشىشنى كېلىشكەن. 3 - ئايدا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىمۇ بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان. 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغان، ئىتالىيىمۇ 16 - كۈنى بۇنىڭغا قاتناشقان. ئۈچ دۆلەت تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا شەرقتە ئەينى ھالەتنى ساقلاپ، روسىيە تەسىرىنىڭ تۈركىيىدە ئۆسۈپ كېتىشىنى بىللە چەكلەپ، روسىيە قورال كۈچى ئىشلىتىپ، تۈركىيىنى يول قويۇشقا مەجبور قىلغان ئەھۋالدا، ئۈچ دۆلەت دەرھال مەسلىھەتلىشىپ، بىللە چارە - تەدبىر قوللىنىشقا كېلىشكەن. ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە زىددىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە فرانسىيە، روسىيە تەرەپكە بۇرۇلۇشقا مەجبور بولغان، بۇ كېلىشىممۇ بارا - بارا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.