Chinese→Uyghur主要词典
地衣门
بىئولوگىيە
لىشاينىكلار تىپى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى بىر تىپ. ئۇ يۈسۈنلەر بىلەن زەمبۇرۇغلارنىڭ ئورتاقلىشىپ ياشىشىدىن ھاسىل بولغان ئىپتىدائىي تەنلىك ئۆسۈملۈكلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان زەمبۇرۇغلار؛ كۆپ ساندىكى سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلار، ئاز ساندىكى بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار، ئايرىم يۈسۈنسىمان زەمبۇرۇغلار؛ ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان يۈسۈنلەر؛ ئاساسەن يەككە ھۈجەيرىلىك يېشىل يۈسۈنلەر، ئاز ساندىكى كۆك يۈسۈنلەر. لىشاينىك تېنىدىكى يۈسۈنلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق پەيدا قىلىدۇ؛ زەمبۇرۇغلار سۇ ۋە نىئورگانىك تۇزلارنى سۈمۈرۈپ يوسۈنلەرنى فوتوسىنتېزنىڭ خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە بەلگىلىك نەملىكنى ساقلاپ، يۈسۈنلەرنى قۇرۇپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، بۇخىل ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورتاقلىشىپ ياشاش دەپ ئاتىلىدۇ. لىشاينىكلار مۇستەقىل مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى، ئېكولوگىيىلىك ياشاش ئادىتى، ئالاھىدە ماددىنى ھاسىل قىلىش ھەمدە باشقا ئىرسىيە ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. لىشاينىكلار ھەر خىل مۇھىتتا ياشىيالايدۇ، بولۇپمۇ قۇرغاقچىلىق، سوغۇق، ئۈنۈمسىز مۇھىتقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئاۋانگارت ئۆسۈملۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ تاشنىڭ يېمىرىلىشى ۋە تۇپراقنىڭ ھاسىل بولۇشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. لىشاينىكلارنىڭ 26 مىڭدىن كۆپرەك تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ (مەسىلەن، تاش قىنا، يەر ئۆشنىسى)، بەزىلىرى ئېگىز تاغ ياكى قۇتۇپتىكى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇقى قىلىنىدۇ (مەسىلەن، بۇغا لىشاينىكى، ئىسلاندىيە لىشاينىكى)، بەزىلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن، ئۇشنە، بۇغا لىشاينىكى) سانائەتتە لىشاينىكتىن پايدىلىنىپ ئەتىرە كىرىم بۇيۇملىرى، ئىسپىرت، لاكمۇس سىناق قەغىزى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ. لىشاينىكمۇ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇ يەنە ئىقتىسادىي ئورمانلىقلارنى كېسەلگە دۇچار قىلىپ زىيان سالىدۇ.