Chinese→Uyghur主要词典
第一国际
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال
يەنى خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى. دۇنيا پرولېتارىياتنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق بىرلەشمە تەشكىلاتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىلغار ئىشچىلار ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دائىرىدە تەشكىللىك ئالاقە ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 1864-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرى، چارروسىيەنىڭ پولشا خەلق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، لوندوندىكى سان مارتىن يىغىن زالىداخەلقئارا ئىشچىلار يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن. ماركس بۇ يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا خەلقئارالىق ئىشچىلار تەشكىلاتىنى قۇرۇش قارار قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى باش كومىتېت سايلاپ چىقىلغان. شۇيىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى باش كومىتېت يىغىنىدا <خەلقئارالىق ئىشچىلار جەمئىيىتى> دېگەن نام رەسمىي بېكىتىلگەن. ماركس <خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى>نىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە داھىيىسىدۇر. ئۇ يېزىپ چىققان خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى ۋە ئورتاق نىزامنامىسىدە خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۈرۈش پروگراممىسى ۋە پرولېتارىياتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى بەلگىلىنىپ، ئىشچىلار سىنىپى چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇشى ۋە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، پرولېتارىيات ھاكىمىيىتىنى تىكلىشى زۆرۆر، دەپ تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتى ماركىس ۋە ئېنگېلسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھەرقايسى ئەللەر ئىشچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈرىشى ۋە سىياسىي كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىغان ھەمدە ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە ماركسىزمنى كەڭ تارقىتىپ، پرودونچىلىق، باكونىنچىلىق، لاسسالچىلىق، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى قاتارلىق ھەرخىل ئاغمىچى مەزھەپلەر ۋە ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىملىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، پرولېتارىياتنىڭ ئىنتىرناتسىئوناللىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،1871-يىلدىكى پارىژ كوممۇنىسىنى ئاكتىپ قوللىغان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىنكېيىن، ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردە پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا، ماركسىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، 1876-يىل 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا ئۇنىڭ تارقىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال دەپ ئاتالغان. ئۇ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىنى راۋاجلىنىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ <ئىشىچلارنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىپ، ئىشچىلارغا كاپىتالغا ئىنقىلابىي ھۆكۈم قىلىشنىڭ تەيارلىقىنى ياخشى قىلدۇردى> (<لېنىن ئەسەرلىرى> 3-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1960-يىلىدىكى خەنزۇچە نەشرى، 809-بەت).
بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايىلىرى ۋە ۋەكىللەر يىغىنلىرىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ھەم ئورنى:
بىرىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1865-يىل 9-ئاينىڭ 25 - 28-كۈنلىرى، ئەنگلىيىنىڭ لونداون شەھىرىدە.
بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1866-يىلى 9-ئاينىڭ 3 - 8 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە.
ئىككىنچى قۇرۇلتىيى: 1867-يىل 9-ئاينىڭ 2 - 8 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ لۇساننې شەھىرىدە.
ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1868-يىل 9-ئاينىڭ 6 - 13-كۈنلىرى، بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە.
تۆتىنچى قۇرۇلتىيى: 1869-يىل 9-ئاينىڭ 6 - 11 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ بارسېل شەھىرىدە.
ئىككىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1871-يىل 9-ئاينىڭ 17 - 23-كۈنلىرى، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە.
بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1872-يل 9-ئاينىڭ 2 - 7 - كۈنلىرى، گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە.
ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1873-يىل 9-ئاينىڭ 8 - 13 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە.
ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى: 1876-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فلادېلفىيە شەھىرىدە.