Chinese→Uyghur主要词典
地税改革
دۇنيا تارىخى
يەر بېجى ئىسلاھاتى
ياپونىيە مېيجى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ بىرى. مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەر تۈزۈمى ۋە يەر بېجى تۈزۈمىگە قارىتا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1871 - يىلى دېھقانلارنىڭ خالىغان زىرائەتنى تېرىشىغا يول قويۇلغان. ئىككىنچى يىلى يەر سودىسىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بىكار قىلىنىپ، يەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1873 - يىلىدىن باشلاپ يەر بېجى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ئىسلاھات 1881 - يىلىغا كەلگەندە ئاساسەن تاماملانغان. ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمونى تۆۋەندىكىچە: (1) كونا يىللىق باج، يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل مىقدارى بويىچە ئېلىنغان بولسا، يېڭى يەر بېجىدا قانۇنىي يەر باھاسى باج ئېلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنغان. (2) يەر بېجى نورمىسى ھوسۇلنىڭ ئاشقان - كېمەيگەنلىكىگە قاراپ ئېلىنماي، يەر باھاسىنىڭ ئۈچ پىرسەنتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. (3) سۇلۇق يەر ياكى قۇرغاق يەر بولسۇن، بىردەكلا پۇل تاپشۇرۇش يولغا قويۇلغان. (4) يەرنى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، بىردەكلا يەر ئىگىلىرىدىن باج ئېلىش بەلگىلەنگەن. بۇ ئىسلاھات ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - شەھەرلەردىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن.