Chinese→Uyghur主要词典
第三等级
دۇنيا تارىخى
ئۈچىنچى تەبىقە
ئادەتتە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولغان تەبىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەبىقە باج تۆلىمەيدىغان، فېئوداللىق ئىمتىيازغا ئىگە بىرىنچى تەبىقە (راھىبلار) ۋە ئىككىنچى تەبىقە (ئاقسۆڭەكلەر) بىلەن قارىمۇ قارشى ئۇرۇندا تۇرغان. دەسلىپىدە شەھەردىكى سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنى كۆرسىتەتتى؛ ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر، شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە بۇرژۇئازىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولغان. بۇ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرخىل باج - سېلىقلىرىنى ۋە فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانىدى. 1302 - يىلى كورۇل فىلىپ Ⅳ ئاچقان بىرىنچى قېتىملىق ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان، ئەمما يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بايلار، يەنى كېيىنكى بۇرژۇئازىيە ئىدى. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلبنىڭ ھارپىسىدا، بۇ تەبىقە فېئوداللىققا قارشى ئاساسىي كۈچكە ئايلانغان.