Chinese→Uyghur主要词典
第三次社会大分工
دۇنيا تارىخى
ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى
تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلىشى ۋە سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، ئۇ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇش ھەمدە پۇل مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سودىگەرلەر ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئارىسىدىكى، ئىشلەپ چىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمال قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، ئارىدىن پايدا ئېلىپ زور بايلىق توپلىغان؛ ھەتتا ئىشلەپچىقىرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. تاۋار ئالماشتۇرۇش بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان جايلاردا مېتال پۇل يەنى قۇيما پۇل ھەممىدىن ئاۋۋال بارلىققا كەلگەن، قۇيما پۇل ئەڭ قولاي تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە بايلىق ساقلاش ۋاسىتىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن، شۇنداقلا غەيرىي ئىشلەپچىقارغۇچىلار (سودىگەرلەر) نى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلىگەن. پۇل بار بولغاندىن كېيىن، پۇل قەرز بېرىش، ئۆسۈم، يەر مۈلكىنى رەنىگە قويۇش ۋە ھەرخىل جازانىخورلۇق ئېكىسپىلاتاتسىيىسى بارلىققا كەلگەن. ئاخىرىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەكىللىنىشىگە ئېلىپ بارغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى (قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ ئىش تەقسىماتى) بىلەن بىللە، سودا - سانائەت مەركىزى بولغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.