Chinese→Uyghur主要词典
狄盖特
دۇنيا تارىخى
دېگېيتېر
(1848 - 1932) فرانسىيىلىك ئىشچى كومپوزىتور. <ئىنتېرناتسىئونال شېئىر> مۇزىكىسىنىڭ ئاپتورى. بېلگىيىنىڭ گېنت شەھىرىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، كېيىن ئائىلىسى بىلەن فرانسىيىنىڭ لىلغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەتتە ياش ۋاقتىدىلا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىگەن. 1871-يىلى 3-ئايدا پارىژغا ئىنقىلابقا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، يولدا پرۇسسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنپ مۇرادىغا يېتەلمىگەن. <ئىشچىلار ئادالىتى> قاتارلىق ئىشچىلار ئومۇمىي خور ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان. 8881-يىلى 6-ئايدا پوتىئېرنىڭ شېئىرىنى <ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى> قىلىپ نوتىلاشتۇرغان. 1920-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1928-يىلى تەكلىپكە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ يەنە <ئالغا! ئىچىلار سىنىپى>، <كوممۇنا ئەزاسى>، <قوزغىلاڭچى> ناملىق ئەسەرلىرى بار.