Uyghur主要词典
دىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇن باھاسى، خۇن پۇلى. بىراۋنى ئۆلتۈرگەنلىك ئۈچۈن تۆلىنىدىغان قان باھاسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىنىي قائىدە بويىچە، بىراۋنى ئۆلتۈرگەنلىك ئۈچۈن تۆلىنىدىغان قان ھەققى، خۇن پۇلى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: دىيەت بەردەپ قەست قىلساڭ، نە ئەيتۇرمەن دىدىيا. (داستانى <مەنسۇر>)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(خۇن ھەققى) بۇ ئەرەبچە سۆز <گۇناھىنى ساقىت قىلىدىغان خۇن پۇلى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. شەرىئەتتىكى جازا بەلگىلىمىسى بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياكى تۇغقانلىرىغا ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىلىدۇ. بۇ تەڭداش قىساسنىڭ بىرخىل ئالمىشىشى بولۇپ، تەڭداش قىساستىن ۋاز كەچكەن ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە بولسىمۇ جاننى ئالىدىغان قاتىللىق قورالى ئىشلەتمەي قەستەن زىيان يەتكۈزگەن ياكى سەۋەنلىك قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن گۇناھقا قوللىنىلىدۇ. دىيەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە جاراھىتىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ بېكىتىلىپ، تولۇق دىيەت ۋە قىسمەن دىيەتكە ئايرىلىدۇ. ئادەتتە قۇلنىڭ تولۇق دىيىتى (خۇن ھەققى) ئۆزىنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئايالنىڭ دىيىتى ئەرنىڭ دىيىتىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ دىيىتى 100 تۆگە ياكى مىڭ تىللا بولىدۇ. قىسمەن دىيەت مۇناسىپ مۆلچەرلەپ ھېسابلىنىدۇ.