Chinese→Uyghur主要词典
第二战场
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى فرونت
ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە، غەربىي ياۋروپادا ئاچقان فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1941 -يىلى 7 - ئايدا ئەنگلىيىگە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىككىنچى فرونت ئېچىش مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان. 1942 - يىلى 5 - ۋە 6 - ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن لوندون ۋە ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، گىتلېر گېرمانىيىسىگە شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرەپتىن زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شۇ يىلى غەربىي ياۋروپادا ئىككىنچى فرونتنى ئېچىشى لازىملىقى ئېنىق بېكىتىلگەن. 1943 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان تېھران يىغىنىدىمۇ، ئۈچ دۆلەت يەنەى ئوخشاش قارار چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا <تەييارلىق تېخى پۈتمىدى> دېگەننى تەكىتلەپ، قايتا - قايتا ئارقىغا سوزغان. 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگە كەلگەندە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرى فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نورماند رايونىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياۋروپادىكى ئىككىنچى ئۇرۇش مەيدانىنى ئاچقان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي فرونتتىكى ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، فاشىست گېرمانىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە زور رول ئوينىغان.