Chinese→Uyghur主要词典
第二国际
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال
پرولېتارىياتنىڭ بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن كېيىنكى يەنە بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتى. ھەرقايسى ئەللەردىكى سوتسىيالىزمچى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن. 1889 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پارىژدا ئېچىلغان خەلقئارا سوتىسيالىستلار قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. قۇرۇلتايغا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى 22 دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزمچى سىياسىي پارتىيىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن 393 ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلغان دەسلەپكى دەۋردە، ئېنگېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزمنى كەڭ تارقىتىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما بۇ چاغدا كاپىتالىزم بىر قەدەر تىنچ تەرەققىي قىلىش دەۋرىدە تۇرغانلىقتىن، ئوڭچىل ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ھەرقايسى ئەللەر پارتىيىلىرىدە كۈنسايىن ئۆسۈپ بارغان. 1895 - يىلى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل پىكىر ئېقىمى تېز تەرەققىي قىلىپ سىستېمىلىق شيۇجېڭجۇيىغا ئايلانغان ھەمدە بېرنېشتېين ۋەكىللىكىدىكى ئوڭچىلار ۋە كائوتىسكى ۋەكىللىكىدىكى <ئوتتۇرىدىكى> رېۋىزىئونسىتلار ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، ئۇلار ماركسىزمنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇرژۇئازىيە ئىسلاھاتچىلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. لېنىن باشچىلىقىدىكى روسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي سولچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ماركسىزمنى قوغدىغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان زور كۆپچىلىك پارتىيىلەر پرولېتارىياتقا ئاشكارا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ھىمايە قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتىسيال شوۋېنىزمچى پارتىيىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال بەربات بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ھەرقېتىملىق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ۋە ئورنى: بىرىنچى قۇرۇلتىيى: 1889 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - 21 - كۈنلىرى، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە. ئىككىنچى قۇرۇلتىيى: 1891 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - 22 - كۈنلىرى، بىلگىيىنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە. ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى: 1893 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - 21 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە. تۆتىنچى قۇرۇلتىيى: 1896 - يىل 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە. بەشىنچى قۇرۇلتىيى: 1900 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - 27 - كۈنلىرى، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە. ئالتىنچى قۇرۇلتىيى: 1904 - يىل 8 - ئاينىڭ 14 - 20 - كۈنلىرى، گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە. يەتتىنچى قۇرۇلتىيى: 1907 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - 24 - كۈنلىرى، گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە. سەككىزىنچى قۇرۇلتىيى: 1910 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە. توققۇزىنچى قۇرۇلتىيى: 1912 - يىل 11 - ئاينىڭ 24 - 25 - كۈنلىرى، شۋېتسارىيىنىڭ بارسېل شەھىرىدە.