Chinese→Uyghur主要词典
第二保加利亚王国
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى
بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى فېئدال دۆلەت (1187 - 1396). بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى 1018 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندىن كېيىن، بۇلغارىيە خەلقى ئىزچىل ھالدا مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1185 - يىلى ئاقسۆڭەك ئىۋان ئاسېن Ⅰ (؟ - 1196) ۋە پېتر ئاسېن (؟ - 1197) ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋىزانتىيىنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنى يوقاتقان. 1187 - يىلى ۋىزانتىيە ھۆكۈمىتى بۇلغارىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان، مانا بۇ ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىۋان ئاسېن Ⅱ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1218 - 1241). لاتىن ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكىدونىيە، سروس ۋە ئالبانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1242 - يىلدىن باشلاپ، موڭغۇللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دۆلەت كۈچى ئاجىزلاشقان. 1277 - 1280 - يىللىرى ئىۋائىلو قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1330 - يىلى سېربىيىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. سېربىيە 1355 - يىلى پارچىلانغاندىن كېيىن، يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بۈلغان. ئەمما يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، تەخمىنەن 1365 - يىلى دوبرۇجا، تىرنوۋو ۋە ۋىتىندىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. تۈركلەر 1371 - يىلى بۇلغارىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مالچا دەرياسىنىڭ يېنىدا مەغلۇپ قىلغان، ئاندىن كېيىن 1382 - يىلى سوفىيىنى بېسىۋالغان. 1393 - يىلى تىرنوۋونى ئىشغال قىلغان. 396 - يىلىغا كەلگەندە بۇلغارىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنى تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئىككىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى مۇنقەرز بولغان.