Chinese→Uyghur主要词典
佃册农
دۇنيا تارىخى
گۇۋاھنامىلىق ئورتاقچى دېھقان
گۇۋاھنامىلىق دېھقان، تىزىمغا ئالدۇرغان دېھقان ياكى ھۆكۈمەت رويخېتىدىكى دېھقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيەدە ⅤⅩ -ⅦⅩ ئەسىرلەردە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن فېئودال بېقىندى دېھقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار غوجىدارلار سوت مەھكىمىسى تارقاتقان گۇۋاھنامە بويىچە ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلار، يانچى (ۋىللان) لاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ يانچىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلار كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆمۈرۋايەت ئۈلۈشلۈك يەرگە ئىگە بولالىغان، غۇجىدارلارغا بەلگىلەنگەن ساندىكى يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇپ تۇرغان. ئۈلۈشلۈك يەرگە ۋارسلىق قىلىش ئۈچۈن باشقىدىن يۇقىرى ۋارىسلىق بېجى تۆلىگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا يانچىلىقنىڭ بەزى قالدۇقلىرى، مەسىلەن: ئۆلۈم - يېتىم بېجى تاپشۇرۇش قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ⅥⅩ ئەسىرلەردە يەر دائىرىلىۋېلىش ئەۋج ئالغانلىقتىن، ئۇلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ يېرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، سەرسان بولۇپ كەتكەن. ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن پومىشچىكلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن.