Uyghur←Chinese主要词典
دىيانبيەنفۇ جېڭى
دۇنيا تارىخى
奠边府战役
diàn biān fǔ zhàn yì
ۋيېتنام خەلقى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق جەڭ. 1953-يىلى قىشتىن 1954-يىلى ئەتىيازغىچە، ۋيېتنام خەلقى ۋە ئارمىيىسى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى كەڭ شەھەربازارلارنى ئازاد قىلغان. فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، 1953-يىلى 11-ئايدا كۆپلىگەن. پاراشۇتچى قىسىملارنى ئەۋەتىپ، دىيەنبيەنفۇنى ئىشغال قىلىپ ئۇنى ئازاد رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تايانچ بازىسى قىلغان ھەمدە بۇ يەرنى كۆپ ئەكىرىي كۈچىنى توپلاپ ساقلىغان.شۇيىلى 12-ئايدا ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى ھۇجۇم قوزغاپ، لەيجۇنى ئازاد قىلغان ھەمدە دىيەنبيەنفۇنى قورشىۋالغان. 1954-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋيېتنام خەلق ئارمىيىسى دىيابيەنفۇغا ھۇجۇم قىلىپ، 55 سوتكا جەڭ قىلىش ئارقىلىق 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇنى ئازاد قىلغان، دىيەنبيەنفۇنى ساقلاۋاتقان 16 مىڭدىن ئارۇق دۈشمەننى تولۇق يوقىتىپ فرانسىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى يۇلۇپ تاشلاپ،<ناۋال ھەربىي پىلانى>نى بىتچىت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن دۆلەت زېمىنىنىڭ شىمالىي يېرىمىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىپ، پۈتكۈل ھىندىچىنىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى بۇراپ، فرانسىيىنى شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى<جەنۋە كېلىشىمى>گە قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان.