Uyghur主要词典
دېھقان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دېھقان.
قىشلاق باشلىقى.
تەجرىبىلىك كىشى، ئىش بىلەرمەن؛ ئىش باشقۇرغۇچى.
ئىگە، ياراتقۇچى، خالىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ مىقداردا يەر ئېگىلىگەن، ئۆزى مۇھىم ئەمگەككە قاتناشسىمۇ، يېرىنى كىشى ياللاپ تېرىدىغان ياكى ئىجارىگە بېرىدىغان دېھقان.
يەر ئىسلاھاتىدا باي دېھقانلارنىڭ ئوشۇق يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىغانىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېرىلغۇ، ئېكىن ئېكىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.
دېھقان بولساڭ شۇدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل. دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پومېشچىك، باي دېھقانلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان يەرسىز دېھقان.
ياللانما دېھقان يېزىلاردىكى پرولېتارلاردۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۇزۇن مۇددەت يازا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان، زىرائەت تېرىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشى.