Chinese→Uyghur主要词典
德政暴动
دۇنيا تارىخى
توكۇماسا قوزغىلىڭى
ياپونىيىنىڭ مۇروماچى دەۋرىدە دېھقانلار شوگناتنىڭ < توكۇماسا پەرمانى> نى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. 1428-يىلى ئومى (بۈگۈنكى سىگا ناھىيىسى) دىكى دېھقانلار شوگناتنىڭ پەرمان چىىرىپ، قەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان؛ نارا، كيوتو ئەتراپىدىكى دېھقانلار بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. ئەمەلىيەتتە، شوگناتنىڭ پەرمانى چىققىچە، دېھقانلار جازانىخورلارنىڭ ئكيلىرى ۋە ئامبارلىرىغا بسىپ كىرىپ، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تارتىۋالغان ۋە تىلخەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، سېلىقنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئاشۇرۇلغان باجنى تاپشۇرۇشقا قارىش تۇرغان. 1441-يىلى (جياجىنىڭ بىرىنچى يىلى) كيوتونى مەركەز قىلغان ھالدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، بارگاھ <توكۇماسا پەرمانى> نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1454-يىلى (شاڭدېنىڭ 3-يىلى) يەنە كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، جازانخورلارغا قارشى بىۋاسىتە ھەرىكەت قوللانغان. بارگاھ <>توكۇماسا پەرمانى< نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1485-يىلى ۋنمىڭنىڭ 17-يىلى( ئومى، ياماتو )بۈگۈنكى كيوتو ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي ـ جەبۇبىدا( ۋە ئوياماتو ) بۈگۈنكى كيوتو ۋىلايىىتنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدا( ۋە ئوياماتو )بۈگۈنكى نارا ناھىيىسى( دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە بىر قىسىم سامورايلار بىلەن بىرلىىشپ، شوگناتنىڭ >توكۇماسا پەرمانى< نى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، مۇنداق قوزغىلاڭلارغا شوگنات تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.