Chinese→Uyghur主要词典
德意志殖民协会
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك جەمئىيىتى
گېرمانىيە جاھانگىرلىكى چەتكە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك - كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1882 - يىلى 12 - ئايدا سانائەتچىلەر ۋە بانكىرلار فرانكفورتتا قۇرغان. تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يۇقىرى قاتلامدىكى ئىجتىمائىي ئەربابلار بولغان. مەملىكەت ئىچىدە چەتكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكىلىك سىياسىتىنى ھەدەپ تەرغىپ قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈپ، گېرمانىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن تاۋار بازىرى ۋە خام ئەشيا بازىسىنى ئېچىشقا پائال تۈرتكە بولغان. 1887 - يىلى بۇ جەمئىيەت <گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش ۋە شىلىۋېلىش پائالىيىتىگە بىۋاستە قاتناشقان. 1914 - يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 40 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن <ئىمپېرىيە مۇستەملىكىچىلىك شىركىتى> گە قوشۇۋېتىلگەن.