Uyghur主要词典
دەۋا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دورا، مەلھەم:
قۇۋۋەت، دەرمان:
چارە، تەدبىر، ئىلاج:
1. نېدۇر ئولكىم سوقۇپ تەرتىب بۇڭەلمەس،
باش زەخمى دەۋا بىرلەن ئوڭەلمەس.
سەيغى سەرايى.
2. پادىشاھى ئىسلامىنىڭ شەفقەت بىلە چارە سازلىغى بارچە غەمزادىلەر دەردىغە دەۋادۇر.
نەۋايى.
3. كى شايەد بىر دەۋايى چىقسە ئاندىن،
بولۇپ غەمسىز ئۆتۈپ كەتسەم جەھاندىن.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا قويغان تەلەپ.
ئالتۇن چىرىماس، دەۋا قېرىماس. تۈگمەن سۇ بىلەن چۆگىلەر، دەۋا پۇل بىلەن. ئۆزۈم تاپقان بالاغا، قايدا باراي دەۋاغا. دەستەر دەرماننى كەتكۈزەر. ئەمەلدار قەرزدار بولسا، ئەرزىڭنى خۇدا سورىسۇن. شىكايەت قىلساڭ، تاپقىنىڭغا شۈكۈر قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆز ئىگىلىكىدىكى مال - مۈلۈك، ھەق تەلەپنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ؛ ئەرز.
ئوغرى - دەۋانىڭ ئۇرۇقى، چېچەن - دەۋانىڭ قۇيرۇقى (ماقال).
<قا> تەپتىش ئورگانلىرى، سوت مەھكىمىسى ۋە ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلار، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلار، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى.
باشقىلارنى ئەيىبلەپ، قارىلاپ قىلىنغان شىكايەت، ئەرز.
كۈندە نەچچە ئادەمنىڭ دەۋا، تەنە - تاپىلىرىنى ئاڭلايمەن.
كۆچمە. ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش يولىدا ئېيتىلغان پىكىر، مۇلاھىزە؛ تالاش - تارتىش.
چالا - پۇچۇق بىر نەچچە كىتابنى ۋاراقلاپ ئالىملىق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئادەملەرمۇ چىقىپ تۇرىدۇ.