Uyghur主要词典
دەستىگاھ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياراق، جابدۇق، ئەسۋاب، ئۈسكۈنە؛ ئىستانوك؛ تەن ئەزاسى؛ ئىدارە، ئورگان؛ ھاكىمىيەت؛ بايلىق، ئىقتىدار، كۈچ - قۇۋۋەت: دەستىگاھ ھۆكۈمەتى - دۆلەت، ئورگان، ئىدارە، دۆلەت ئورگىنى، دۆلەت ماشىنىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ۋاستە.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مېدىتسىنا ئەسۋانلىرى. تۆمۈر ئەسۋاب ئىشلىتىلمىسە دات باسىدۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. ھارۋىكەشنىڭ جابدۇقى پۈتمەس. ياغاچتا ياسالغان سايماننىڭ پانا يېمەيدىغىنى يوق. ئۇستام ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاۋارە، قۇشناچىم ئۇپا - ئەڭلىكلىرى بىلەن ئاۋارە. دەستىگاھ پۇختىنىڭ ئىشى پۇختا. ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ توقۇش دۇكىنى.
دادام پەنجىنى دەستگاھنىڭ ئۈستىگە تاشلىمىغۇچە ھېچقايسىمىز كىرپىك يۇممايمىز.