دەستەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەرخىل ئەسۋابلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى؛ ساپ:[مىسال:] كەتمەن دەستىسى. قامچا دەستىسى. پىچاق دەستىسى.[يەشمىسى:] ② دۇتار، راۋاب، ساتار قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تار ياكى سىم تارتىلغان، پەدە باغلىنىدىغان قىسمى.[يەشمىسى:] ③ قول-پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يەرلىك توقۇمىچىلىق دۇكىنىنىڭ تىغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسمى.